ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان ئايروپىلاندا بومبا بار دەپ ئۇچۇر مەلۇم قىلغان ئەر گۇاڭجۇدا تۇتۇلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن، ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇ قاتنايدىغان ئايروپىلاندا بومبا بار دەپ ئۇچۇر مەلۇم قىلغان كىشى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ لەنجۇدا مەجبۇرىي توختىتىلىشى ۋە ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ۋە ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشگە سەۋەبچى بولغان 23 ياشلىق ئەر گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، شىمالىي شەنشىلىك جياڭ فامىلىلىك بۇ ئەرنىڭ جىنايىتىنى، قەستەن قورقۇنچلۇق ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ بايان قىلدى.