ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئارقا - ئارقىدىن 2 قېتىم سوت ئېچىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە "جىنايەت" سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن 21 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. قالغانلىرىنى مۇددەتسىز ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. سوتلانغانلارنىڭ 19 نەپىرى ئۇيغۇر، 2 نەپىرى خىتاي ئىدى.
ئۈرۈمچىدىكى بۇ سوت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۈرۈمچىدىكى سوتنى تەنقىد قىلغۇچىلار سوتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىنىپلا قالماي،خىتاينىڭ ئۆزىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يۇقىرى سوت، "ئەرىزدارلارنىڭ ھۆكۈمگە نارازى بولۇشتىكى سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ" دەپ قارىغان. لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئەرىزدارلارنىڭ ھۆكۈمگە نارازى بولۇشتىكى سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئەھۋالىغا دائىر كونكرېت مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن يۇقىرى سوتنىڭ قارارى خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى تەدبىقلاپ تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.