سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدىن تەڭرىتاغ تورى ئېچىۋېتىلدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېلېفون ئالاقە ۋە تور مۇلازىمىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. ھۆكۈمەت ۋە پارتكوم باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تورى 23 كۈندىن بۇيان تۇنجى ئېچىلغان تور بەت ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بانكا ھېساباتى، ئوقۇغۇچى ھەم ئىشچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، كۈندىلىك ھاۋارايى ئۇچۇرى ئىگىلەش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى تۈرلەر بويىچە تار دائىرىدە مەشغۇلات قىلىشىغا ئېچىلغان بولسىمۇ،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قانداق تور بەتلەر، خەلقئارالىق تور بەتلەر ئېچىلمىغاندىن سىرت، چەتئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ھازىرغا قەدەر ئېچىۋېتىلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تېلېفون ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىشىمۇ ئىزچىل توسالغۇغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون مۇلازىمىتىنى قامال قىلىشىغا "بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تور ھەم تېلېفون ئالاقىلىرىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" دېگەن باھانىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئاخبارات ھەم ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتچىلىرى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.