ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تارىخىي تەشۋىقات - تەربىيە ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا

ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرى تاغ رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخسۇس مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن قوراللىق ساقچى 8660 - نومۇرلۇق قىسىمى ئۆتكەن يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تىنجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، مەزكۇر قىسىم ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردا مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان "تۆتنى تونۇش" شوئارىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر قوراللىق ساقچى قىسىمى "تۆتنى تونۇش" تەشۋىقاتىدا تارىخىي تەربىيىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس خىتاينىڭ "ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى"، " 25 تارىخ"، " شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى" قاتارلىق كىتابلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى بولغانلىقىدىن ئىبارەت نۇقتىئىينەزەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مەخسۇس تارىخىي تەشۋىقات ماتېرىيالى تۈزۈپ، بۇنى تەڭرى تاغ رايونى تەۋەسىدىكى ئاھالىلارغا، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلارغا تەشۋىق قىلغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان مەزكۇر قىسىم ھەققىدىكى ماقالىدە يېزىلىشىچە، بۇ قوشۇننىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات نۇقتىلىرىنىڭ بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا مەزكۇر قىسىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە تارىخىي تەشۋىقات ئاساسلىق نەزەرىيە سالمىقىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىلگىرى تارىخچىلار ۋە سىياسىيونلار "شىنجاڭ تارىخى " سۆزلىگەن بولسا، مانا ئەمدى ھەربىي - قوراللىق ساقچىلار تارىخ سۆزلەشكە باشلىغان.