ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرى ئاشكارىلانماقتا

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىلىرىنى كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىپ بېرىشى بىلەن ۋەقەگە ئائىـت بەزى پاكىتلار ئاستا - ئاستا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۈگۈن رادىئومىزنىڭ ئىشەنچلىك يەردىن ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، سېنتەبىرنىڭ بېشىدا ئىككىنچى قېتىملىق نامايىشقا چىققان خىتايلار چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرىغا يوغان كانايلارنى بېكىتىپ " ئۇيغۇرلار يوقالسۇن، ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرايلى،" دەپ داۋراڭ سالغان.

نامايىش كۈنى ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيىسى 6 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 37 ئۇيغۇرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ساقچى دائىرىلىرى بولسا ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىشەنچلىك ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 ئەتراپىدا 30 ياشلاردىكى ئابلەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دوستلۇق يولىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى 9 - سېنتەبىر كۈنى ئائىلىسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن.

8 - ئىيۇل كۈنى شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئىلھام ئەتىگەندە ئىشقا كېتىۋاتقاندا ئاپتوبوسىتىكى 3 ۋېنجۇلۇق خىتاي تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي شوپۇر ئەھۋالنى كۆرگەن بولسىمۇ بۇنى توسىمىغان. ئەمما ئۇ ۋەقە ھەققىدە ئىسپات بەرگەن.

13 - سېنتەبىر كۈنى بىر ئۇيغۇر موماي ئۆزى چىققان تاكسىنىڭ شوپۇرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تاكسىچى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما چارە كۆرۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ساقچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناھەق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ ئىشىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىكەن.

تېخى يېقىندىلا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى بىر دوكلات تەييارلاپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدا ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان 43 كىشىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ساننى: "مۇز تېغىنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان كىچىككىنە بىر پارچىسى،" دەپ ئىپادە قىلغان ئىدى.