خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مېھمانخانىلار ۋە سودا دۇكانلىرىنىڭ يەرلىك دائىرە ئىچىدە قىلىدىغان ئالاقىسىمۇ، ھازىر ھەدىسىلا 'قاتناش جىددىيلىكى' گە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى 5 - ئىيۇل كۈنى نامايىش قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 'تېررورچى، بۆلگۈنچى، دىنى رادىكاللار ئىنتېرنېت، تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ ۋەقە تۇغدۇردى' دەپ جاكارلاپ، بۇ رايوندىكى شەھەر-بازارلارنىڭ ھەممىسىدە يەرلىك ئاھالىلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئېلخەت، تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن.
بۇ رايوندىكى شىركەتلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تىجارەت ئالاقىلىرى ئۈچۈن 'يېشىل قانال' قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلخەت قوبۇل قىلالماي ياكى يوللىيالماي تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ياكى خېرىدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى يۈرۈشمەيدۇ.
بىر ئامېرىكىلىق شىركەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر گەنسۇدىكى دۈنخۇاڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلالىشى مۇمكىن بولغان بىردىنبىر 'مەككە'سى بولۇپ قالغان. ئەمما بۇ رايوندىكى شىركەتلەرنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى دۈنخۇاڭغا بېرىپ خېرىدارلىرى بىلەن ياكى باش ئورگىنى ياكى تارماقلىرى بىلەن قىلالايدىغان ئالاقىسىمۇ ھازىر ناھايىتى چەكلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.