'شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى' نىڭ 8 ‏- ئىيۇلدىكى سانى تۇيۇقسىز يىغىۋېلىنغان

دائىرىلەر "شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى"نىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ 3 ‏- كۈنى يەنى 8 ‏- ئىيۇلدىكى سانىنى تۇيۇقسىز يىغىۋېلىپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېزىتنىڭ يىغىۋىلىنىشىدىكى سەۋەب مەزكۇر گېزىتكە "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئۆلتۈرۈلگەن جەسەتلەرنىڭ رەسىمى بېسىپ تارقىتىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، گېزىت بازارغا سېلىنىپ ئاز كەم 200 نۇسخا سېتىلغاندىن كېيىن يىغىۋېلىنغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دائىرىلەرنىڭ ھەر بىر نۇسخا گېزىتنى 200 يۈەندىن يىغىۋالغانلىقى، گېزىتخانا باشلىقىنىڭ بولسا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

"شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى"نىڭ 8 ‏- ئىيۇل سانىدىكى بۇ رەسىملەر "ئاسمان كۆتۈرەلمەيدىغان جىنايەت، قان-ياش" دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان. بۇ رەسىم ئېلان قىلىنغان كۈنلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 ‏- ئىيۇل كەچتىكى تىنچ نامايىشىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ۋەقە ناھايىتى تېزلا توقۇنۇشقا ئايلانغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ 5 ‏- چىسلا كېچىسى ۋە 6 ‏- چىسلا تاڭ سەھەردە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا قولىغا چىققان نەرسە بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى، رادىئومىزنىڭ خىتاي تىلى ئاڭلىتىشىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە "دائىرىلەرنىڭ بۇ گېزىتنى يىغىۋېلىشتىكى سەۋەبىنى ئېنىقلاپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.