ئۈرۈمچى ۋەكىللىرى، 'خەلق قۇرۇلتىيى'دا ئىنتېرنېتنى تېزرەك ئېچىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 11 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 ‏- يىغىنىدا، ئىنتېرنېتنى تېزرەك ئېچىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ ئوتتۇرىغا چۈشكەن.

تەكلىپتە 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفون ئۇچۇرىنى چەكلىشى ۋاقتىدا قوللىنىلغان توغرا بىر تەدبىر دەپ مەدھىيىلىنىش بىلەن بىللە؛ بۇنى ئېچىۋېتىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى زورۇرىيىتى تىلغا ئېلىنغان.

يىغىننىڭ ئومۇمى جەريانىدىن قارىغاندا مەزكۇر تەكلىپ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشىدىغان بىردىن ‏- بىر ئەمەلىي مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئادەتتە سەزگۈر مەسىلىلەرگە باغلىنىدىغان تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى خىتاينىڭ 60 يىللىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئىسپاتلىغان زور ۋە سەزگۈر بىر ۋەقەدۇر. تەڭرىتاغ تورىدا، ئىنتېرنېتنى ئېچىۋېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن قاتناشقان ۋەكىللەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، بىراق ئۇلارنىڭ خىتاي ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان.

ئۈرۈمچى ۋەكىللىرى مەزكۇر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن 2 ھەپتە ئاۋۋال ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆزىمۇ ئىنتېرنېتنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفون ئۇچۇرىنى چەكلەشنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ھۆكۈمەت ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغان ئىدى.