بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ب ب س قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرتىپ بويىچە قەدەم - قەدەم ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر ئۈرۈمچى دائىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھازىرچە شىنجاڭ دائىرىسىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەر جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىسا بولىدىكەن، ئەمما چەتئەللەرگە ئۇچۇر ئەۋەتىش يەنىلا چەكلەنگەن.
خىتاي دۆلەتلىك " جۇڭگو كۆچمە تېلېفون ئالاقىسى"شىركىتىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئاپپاراتىدا قىسقا ئۇچۇر يوللاش خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ئەمما ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت ھەر كۈنى 20 پارچىلا قىسقا ئۇچۇر يوللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ يانفونلىرىغا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە مۇلازىمەت قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، "جۇڭگو تېلېفون شىركىتى" نىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىن چەتئەللەرگە تېلېفون ئۇرماقچى بولغان كىشىنىڭ ئالدى بىلەن كىملىكىنى كۆرسىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەتئەللەر بىلەن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى كېسىۋەتكەن بولۇپ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىمۇ توختىتىلغان ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ خىل ۋەزىيەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان شۇنىڭدەك ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئېچىۋەتكەن شۇنىڭدەك تېلېفون ئالاقىلىرىغا قىسمەن رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.
بىراق، ھازىرچە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى مەلۇم.