دىپلوماتلار زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى غەربى ئافرىقىدىكى توگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش ئەلچىسى Nolama Ta Ama تۈنۈگۈن زىيارەت داۋامىدا سۆز قىلىپ، زوراۋانلىقنىڭ دۇنيادا ھېچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇلدا نامايىشچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا. باش ئەلچى نولومانىڭ بۇ يەردە زوراۋان تەرەپ سۈپىتىدە قايسى تەرەپنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتنى زورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى يىللاردىن بېرى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
زىيارەت داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، 5 - ئىيۇلغا دىنىي ساھەدىن بىرمۇ كىشىنىڭ قېتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۆمەك باشلىقى نامولا سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ۋەقە ھەققىدە ھەقىقىي مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتاي سۇنغان مەلۇماتقا گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.