خىتاي ئۈرۈمچىدە '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'گە مۇناسىۋەتلىك يەنە 22 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئاچتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلاردىن يەنە 22 نەپەر كىشىنى سوتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خو خەنمىن "بۈگۈن 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى گۇماندارلاردىن 22 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا سوتلاندى،" دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن سوت ھۆكۈمىتىنىڭ تەپسىلى دېتالىغا دائىر مەسىلىلەردە مەلۇمات بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھازىرغا قەدەر "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇتقۇنلاردىن 41 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، بۇلارنىڭ 12 نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان. ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلاردىن 9 كىشىنى بۇ يىل 11 ‏- ئايدا ئېتىپ تاشلىغان.

ئۈرۈمچىدىكى سوت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەدلىيە تەرتىپىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى رەت قىلىنغانلىقىنى، سوت جەريانىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە توشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىمقى سوت يېقىندا كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك ئۇيغۇر ئېلىغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە ئېچىلغان.

بۇ قېتىم سوتلانغان 22 كىشىنىڭ قانچە نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلارنىڭ بار - يوقلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا سوت ئېچىپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىدى.