خىتاي '5 خىل كۈچلەر'گە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان '5 ‏ - ئىيۇل ئىشخانىسى' قۇرغان

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10 ‏ - ئايدىن باشلاپ "5 ‏ - ئىيۇل ئىشخانىسى" دېگەن نامدا بىر ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى پائالىيىتىنى بىر تۇتاش كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغان.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن رايوندىكى ھادىسىلەرنىڭ خەلقئارا تۈسى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ، مۇستەقىلچى تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ھەمكارلىق يولىغا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادروسىدىكى شەخسلەر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا قىزىل سەرلەۋھىلىك ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يۇقىرىدىكى "5 خىل كۈچلەر"نىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، "5 ‏ - ئىيۇل ئىشخانىسى" قۇرۇپ، ھەر قايسى ئورگانلار ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى، دۆلەت مۇداپىئە، تاشقى ئىشلار، ئاخبارات، جامائەت خەۋپسىزلىك، قوراللىق ساقچى، ئۇيغۇر، تەيۋەن ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ خىزمىتىنى ۋە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، بۇ ۋەقەگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.