ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن - تېخنىكا رايونى ئۈرۈمچىنىڭ بېيجىڭ يولىغا، يەنى خىتايلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر رايون ئورۇنلاشتۇرغان كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى "تىنچ - ئامان رايون" كۆزىتىش خىزمەت نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىلەر سۈرەتكە ئېلىش، توردا بىر تەرەپ قىلىش ۋە رايون ئاتلاپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاپپاراتلار مەزكۇر رايونغا قاراشلىق مۇھىم يول ئېغىزلىرى، دېلو كوپ سادىر بولىدىغان نۇقتىلارغا مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەن دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دائىرىلىرى " تۆت تەرەپلىمە قوغدىنىش،" "كېچە - كۈندۈز قوراللىق چارلاش،" "تېلېفون ۋە قىشقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى چەكلەش" قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى، ئۈرۈمچىدە يەنە 60 مىڭ ئورۇنغا كومپيۇتېرلاشقان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
