خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6 - فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى لەنجۇدىن ئېلىپ كېلىنگەن 13 توننا ئېغىرلىقتىكى دىنىي كىتابنى مۇسادىرە قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتابلارنى لەنجۇدىن يۆتكەپ كەلگۈچى روزى ئىسىملىك 26 ياشلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنى يۆتكەپ كەلگەن يەنە بىرەيلەننى بولسا ساقچى دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى، خەلق تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنى "قانۇنسىز دىنىي كىتابلار" دەپ مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارانى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.