ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان كونتروللۇق كۈچەيتىلمەكتە

مىنباۋ گېزىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ يېزىشىچە، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ شەھەردىكى ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتقان كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.08.09

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىنىڭ چىقارغان ئېلانلىرىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىجارە ئېلىنغان ئۆيلەردە تۇرغانلىقى، "ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن نۇقتىلىرى بولغانلىقىنى" كۆرسىتىپ، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشى، ئۆي ئىجارىگە بەرگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى  ساقچىخانىلارغا بېرىپ تىزىملىتىشى ھەمدە ئىجارىكەشلەر ئىچىدە گۇمانلىق ئادەم ۋە ياكى يوشۇرۇنغانلار بولسا دەرھال مەلۇم قىلىشى ئۇقتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىجارە ئۆيلىرى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى رەتلەش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىراق، مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئىجارە ئۆيلەردە تۇرىۋاتقان ئاققۇنلار ھەققىدە ھېچ نېمە ئېيتىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.