خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىنىڭ چىقارغان ئېلانلىرىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىجارە ئېلىنغان ئۆيلەردە تۇرغانلىقى، "ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن نۇقتىلىرى بولغانلىقىنى" كۆرسىتىپ، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشى، ئۆي ئىجارىگە بەرگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ تىزىملىتىشى ھەمدە ئىجارىكەشلەر ئىچىدە گۇمانلىق ئادەم ۋە ياكى يوشۇرۇنغانلار بولسا دەرھال مەلۇم قىلىشى ئۇقتۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىجارە ئۆيلىرى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى رەتلەش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىراق، مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈملەپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ئىجارە ئۆيلەردە تۇرىۋاتقان ئاققۇنلار ھەققىدە ھېچ نېمە ئېيتىلمىغان.