'خىتاي خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، 21 - چىسلا كەچ سائەت 19دا، 'شالى' ماركىلىق بىر پىكاپ گاز قاچىلاش جەريانىدا پارتلاپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شوپۇر قېچىپ كەتكەن. ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى 'س' بىلەن باشلىنىدىغان بۇ جىنايەت گۇماندارى ئەتىسى ئەتىگەندە، خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئىشچىلار ياتىقىدىن تۇتۇلغان. پارتلاپ كەتكەن پىكاپ ئىسمى 'ئە' ھەرىپى بىلەن باشلىنىدىغان بىر كىشىنىڭ نامىدا تىزىملانغان ئىكەن.
خىتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخباراتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى 'س' بىلەن باشلىنىدىغان بۇ جىنايەت گۇماندارى 'شالى' ماركىلىق بۇ پىكاپنىڭ بېنىزىن قاچىلايدىغان سېستىمىسىنى گاز قاچىلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
بۇ پىكاپ ئۈچىنچى قېتىم گاز قاچىلىغاندا پارتلاپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى پارتلاشتا گاز پونكىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى زەخمىلەنگەن، گاز پونكىتىنىڭ لاپاسىلىرىدا ئىككى تۈشۈك ئېچىلىپ كەتكەن. خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسى ھازىر جىنايەت گۇماندارىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تەكشۈرمەكتە.