خىتاي يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قانۇن ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرماقچى

ئۇيغۇر رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 15 ‏ - ئومۇميىغىنى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قانۇن ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق بىر لايىھەنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەزكۇر لايىھە بۇلتۇر 8 - ئايدا تۈزۈلۈشكە باشلىغان، تۈزۈشكە ئالاقىدار ئىدارە - جەمئىيەت، ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە تەتقىقات جەمئىيەتلىرى بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق ئورۇن ئىشتىراك قىلغان؛ كۆزەتكۈچىلەر لايىھەدە ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ياكى كونكرېت بىر چارە يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى شەرق - غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ ليۇ، بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ لايىھە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. ئۇ پىكىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە يەنىلا مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق تۈزۈلىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ بىر تەرەپتىن باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ بۇرۇن ئۈنۈم بەرمىگەندەك، بۇندىن كېيىنمۇ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.