ئەسقەت كېرىمباي: مەھەللىلەرگە چۈشكەن كادىرلار بۇرچىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباي، 13 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھرىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ رايونى، جەنۇبى ئازاتلىق يولى مەھەللە كومىتېتىغا كېلىپ، بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشكەن "مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كادىرلار" گۇرۇپپىسىنى يوقلىغان.

ئەسقەت كېرىمباي بۇ كادىرلاردىن، ئاممىنى قوزغۇتۇپ " رابىيەلەر" ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا قىلغان مىللىي زىددىيەت، قارشىلىق ۋە تەشكىللىك زوراۋانلىقنى پاش قىلىشنى، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" جەريانىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەمدەملىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە مېھرىبانلىقى قاتارلىق تەسىرلىك ئىش ئىزلار ئارقىلىق "ئۈچ خىل كۈچلەر" پەيدا قىلغان مىللەتلەر قەلبىدىكى جاراھەتنى يوقۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، "5 - ئىيۇل پاجىئەسى" دىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىغا ئاتۇشتىن باشقا ھەرقايسى ئۇيغۇر شەھەر ناھىيىلىرىدىن 500 ئۇيغۇر كادىر يۆتكەپ كېلىنگەن.

ئۇلارغا سىياسى مەيدانى ساغلام بولۇش، خىتايچىنى پۇختا بىلىش، 35 ياشتىن يۇقۇرى بولماسلىق قاتارلىق تەلەپلەر قويۇلغان. مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات ناھىيە توققۇزاق ناھىيىسىدىنلا 17 كادىر يۆتكەلگەن.

بۇ كادىرلار ئاساسەن ھەر قايسى مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، سىياسى، دىنى ئارقا كۆرۈنىشى، ئالاقە دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ چىقماقتا ئىكەن.