دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ ياشلار بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ئۇيغۇر رايونلۇق قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى جەنۇبى ئازادلىق كوچىسى، غالىبىيەت يولى، ئىتتىپاق يولى ۋە كونسۇل كوچىسى قاتارلىق مەھەللىلەردىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ياشلارنىڭ "نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى بۆلۈش" نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 - ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش باھانىسى بىلەن 30 - سېنتەبىر كېچىدىن تارتىپلا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، نەچچە مىڭ ساقچى ئاجىرتىپ، مەھەللە مەھەللىلەردە چازا قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ۋە قول سومكىلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بايرام ھارپىسىدا 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بۇرۇن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.