ئۇ باياناتچى يەنە، 'سىنا SINA، سوخۇ SOHU دېگەن ئىككى تور بېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ بولدى، باشقا تور بەتلىرىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا چەتئەل تور بەتلىرىگە كىرىش مۇمكىن ئەمەس،' دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك مىللىي توقۇنۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنى ئېكىستېرمىچىلەر ئىنتېرنېت، تېلېفوندىن پايدىلاندى، يانفوندا يازما ئۇچۇر ئەۋەتىشىپ ئىغۋا تارقىتىپ ۋەقە چىقاردى، دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ رايوندىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان يەرلىك خەلق - ئۇيغۇرلار سىياسىي، مەدەنىيەت، دىنى ئەركىنلىكى خىتاي تەرىپىدىن تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئىنكاس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرمۇ، ئۇچۇر - ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزىۋېتىلگەن بۇنداق جايدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىمۇ بۈگۈنكى خەۋىرىدە 'خىتاي بۈگۈن شىنجاڭنىڭ خەلقئارا تېلېفون ئالاقىسىنى ئېچىۋەتتى' دەپ بايان قىلدى.