ئۈرۈمچى دائىرىلىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقىنى رەت قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمېي شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن قاماپ قويۇلغانلىقىنى رەت قىلدى.

خۇ خەنمېي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن قاماپ قويۇلغان بىر پروفېسسور يوق دېگەن.

بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىدارچلىقىدىكى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ " ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن. ئىلھام توختى ئىلگىرى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە نۇر بەكرىنى " لاياقەتسىز" دېگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار ئۇنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان ئىز - دېرىكى ئېلىنماي كەلگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى ئەرباپلار، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ "ئۇيغۇربىز" تور بېتىنى باشقۇرغۇچىلاردىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىمى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراپ، لوياڭدىكى مەلۇم بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خۇ خەنمېي باياناتىدا، قاماقتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لېكىن قانچىلىك كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.