ئۈرۈمچىدە 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش' يىغىنى ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدە " 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش" قايتا تەكىتلەندى. بۇ، 21 - نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ھەر دەرىجىلىك ج. خ ئىدارىسى بۆلۈم باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارى فۇ چاڭ ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، فۇ چاڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى مەسئۇللىرىغا نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىك كۈرەشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشتا " تارىخىي تەرەققىيات ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىش" ۋە " ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" نى ئوتتۇرىغا قويغان.

فۇ چاڭ ئاخىرىدا يەنە، " 3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش" نى ئاساسىي قاتلامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، قاتتىق زەربە بېرىش ۋە جەمئىيەتنى تازىلاش ھەرىكەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار شەخسلەرنى تۇتۇشقا قارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.