يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دائىرىلەر مۇقىملىقنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان پۇقرالارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى جىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتىيە سېكرىتارى جۇ خەيلۈن شەھەرلىك كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىم يەنە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مەسئۇلىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەنلەر خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئادەملەر ئىكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن بۇ ھەقتە نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەھەر ۋەزىيىتى تىنچلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن مۇداپىئەلىنىپ، قوراللىق ساقچىلار قامال قىلىشنى بوشاشتۇرمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا 600 نەپەر خادىم ئەۋەتىپ، تىنچلاندۇرۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تاكى 4 - سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا جەمى 531 ئادەمنىڭ يىڭنە بىلەن زەخمىلەنگەنلىكىنى بېكىتكەن.

بىراق، ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پۇقرالاردا بۇ قېتىمقى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشتىن رازى بولۇشى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، بىر نەپەر دۇكاندار "ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىز مەسىلىنىڭ ھەل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەن. ھەتتا ساقچىلار ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچى نامايىشى جەريانىدا 14 ئادەمنىڭ يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىنىپ، 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەسمى ئېلان قىلغان قىلغان.