ئۈرۈمچىدىكى ساقچىخانىلار '4 تەرەپلىمىلىك قوغدىنىش' قاتارلىق تەدبىرىنى قوللىنىپ 'جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشىلىغانلىقى' ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۈرۈمچىدىكى بەزى ساقچىخانىلارنىڭ "4 تەرەپلىمىلىك قوغدىنىش" دەپ ئاتالغان بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قوللىنىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن كوچىسى ساقچىخانىسى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ساقچىخانىلارنىڭ بىر ئىكەن. بۇ ساقچىخانا ئۆزىگە قاراشلىق رايونلاردا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇن، ئۆز رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىش، ۋە ئوز رايونىدا يايمىچىلىق قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغان.

خوتەن كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋەنلوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆز ساقچىخانىسىغا قاراشلىق رايونلاردا كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 4 كېچە چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ تەدبىرلەرنى 2009 - يىلى قانچىنچى ئايدىن باشلاپ يولغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

ئۇلار يەنە، ئۆز رايونىدىكى 227 ھەرىكەتچان يايمىچىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 نەپىرىنىڭ پىچاق ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە شۇندىن كېيىن بۇ يايمىچىلارنىڭ رەسىمنى تارتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزغان.

ئەمما، خەۋەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يايمىچىلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئاشكارىلانمىغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئالغان ئەڭ يېڭى "بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى"نىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.