ئۈرۈمچىدە 'يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى' دەپ قولغان ئېلىنغان ئادەم سانى 75 كە يەتتى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21 دە ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئاخباراتىدا، 'يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى' دەپ قولغان ئېلىنغان ئادەم سانى 75 دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا 74 دەپ جاكارلىغان ئىدى.

'خىتاي ئۈچۈر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 'يىڭنە ھۇجۇمى' دېيىلگەن دېلولار ئۈستىدە سوتلاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئەھۋالارغا قارىغاندا، تۇرسۇنجاننىڭ يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىغان 'يەر ئاستى تەشكىلاتى' يوتقان يىڭنىسى، ئىلغۇچ، چىش كولىغۇچلارنى قوللىنىپ ھۇجۇم قىلغان.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'يىڭنە ھۇجۇمى' دەپ ئاتالغان بۇنداق ھۇجۇم ھازىر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ ئەۋج ئالدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىئەن دائىرىلىرى بۈگۈن شەھەر ئىچىدىكى ئاپتوبۇسلاردا بامبۇك زىق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋەقەنى 'جىنايي ئىشلار ' دەپ دېلو تۇرغۇزغان. شىئەن شەھىرىدە 9‏ - ئاينىڭ 13 ‏ - كۈنى، ساقچى دائىرىلىرى چاڭئەن كوچىسىدا بامبۇك زىقىنى قوللىنىپ سانجىش ھۇجۇمى قوزغىغان 26 ياشلىق بىر ئەرنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'بىشارەت' ژۇرنىلىدا بۈگۈن 'ۋاڭ لېچۇەن يىڭنە ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ' سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور بېسىلدى.