خەۋەر بۇ خىلدىكى چېقىپ يۆتكەش ھەرىكىتىگە «يېڭىلاش» دەپ نام بېرىلگەن. شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2012 - يىلىدا 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 10 مىڭ ئاھالىنى «نامرات رايون» دىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۆيلەرنى «كەپىلىك ئۆيلەر» ياكى «نامرات رايون ئۆيلىرى» دەپ ئاتاپ، يېڭىلاش باھانىسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇسىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن ھەمدە بۇ خىل چېقىپ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى تا ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا ئىدى.
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاتالمىش تۆۋەن كاپالەتلىكلەرگە ياردەم بېرىش سۈپىتىدە سېلىنغان بۇ خىلدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتىغا ھەمدە مۇھىتى ئىنتايىن ناچار رايونلىرىغا سېلىنغان ئىكەن.
ئۇنىڭندىن باشقا بۇ ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇرماقتىكەن.