ئۈرۈۈمچى ئاھالىسى: شەھەردە 200 مىڭ ئەتراپىدا ئامانلىق خادىمى ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ

9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ياۋرۇئاسىيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى. خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەردىن چۈچىگەن خىتاي دائىرىلىرى، كۆرگەزمىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تاللا بازىرى ۋە كىشىلەر توپلىشىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا 10 دىن 100 گە قەدەر ئامانلىق خادىمىنى ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان. شەھەر ئاھالىلىرىدىن بىرى، ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ سانىنى تەخمىن قىلىپ شەھەر بويىچە 200 مىڭدىن ئاشىدۇ دېگەن.

يەنە ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر كورلا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا 8 ئورۇنغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارغا دىققىتىنى ئالاھىدە مەركەزلەشتۈرگەن.

رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئۇچۇردا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كورلىدىكى بىر يېزىنى 15 كۈن قورشاۋغا ئېلىپ قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما كۆزلىگەن گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، بۇ دەرىجىدە سەپەرۋەرلىككە كەلگەن ساقچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىش بېجىرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلىمەكتە.