فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پىكىر بىرلىكى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ كوماندىرى، ئامېرىكا ۋە كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي كومپيۇتېرلارنى ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن "قاتتىق تەدبىرلەر" نى ئېلىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ كوماندىرى لېيتېنات گېنېرال جېفېرىي رېمىڭتون ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئالاقىنىڭ ھەتتا دەقىقە ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە، ھەربىي ئالاقە سىستېمىسى ياكى ھۆججەتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەت بولسىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "بىز ئۇرۇش قىلىشتا ئالاقە سىستېمىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك،" دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىيۇلدىن باشلاپ ئىنتېرنېت تور بوشلۇقى قىسىملىرىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە بۇ خىلدىكى قىسىملىرىنى كېلەر يىلى يولغا قويىدىكەن.