ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى نورۇز ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ئاناندال رايونىغا جايلاشقان بىر پائالىيەت مەركىزىدە 24 - مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نورۇز كەچلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.03.25

تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان مەزكۇر نورۇز كەچلىكى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەمدە يېڭى بىر يىلنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نەتىجىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «باھار چىللايمەن» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ياش ھەۋەسكارلار ناخشا ۋە ئۇسۇللارنى ئورۇنداپ، سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

كۆپچىلىك مەخسۇس تەييارلانغان نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئائىلىلەر تەييارلاپ كەلگەن تائاملاردىن ھوزۇرلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.