قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەتكارلارنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان كونسېرتلىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خەۋەردە ئۇلار كونسېرت قويىدىغان جايلارنىڭ ياركەنت، چۆنجە، بايسېيىت، چىمكەنت، ئاۋات ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرى ئىكەنلىكى ھەم ئېنىق ۋاقتى ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئارتىستلىرى 20-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندا ئويۇن قويماقچى ئىكەن.
ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇلار 18-سېنتەبىر كۈنى چىمكەنتكە يېتىپ كەلگەن. 14-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتىگە نىسبەتەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولماقتا.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئارتىستلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ ئويۇن قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى خاتىرىلەش نىشانى بىلەن ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىدى.