ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈلگەن 300 مىڭدىن ئارتۇق ئايالىنىڭ ئىچىدە 346 ئايالدا راك بايقالغان

«تەڭرىتاغ» تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى باشلىغان «ئىككى خىل راكىنى تەكشۈرۈش» ھەرىكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاياغلاشقان.


خەۋەردە، تەكشۈرۈشنىڭ بىكارلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىڭنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ قايسى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى شەرھلەنمىگەن.

خەۋەردە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەكشۈرۈش ئۆتكەن يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا بالىياتقۇ راكى بويىچە 381 مىڭ 322 ئايال، كۆكرەك راكى بويىچە 37مىڭ 207 ئايال تەكشۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 346 ئايالدا يۇقىرىقى ئىككى خىل راك بايقالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلىدىن 1996 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا يادۇر سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاتوم رادىئاتسىيىسى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى راكنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.