بىخەتەرلىك خادىمى 75 ياشلىق ئايالنىڭ بېشىدىكى ياغلىقىنى، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھەتتا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمەستىن ئېلىۋەتكەن. بۇنىڭغا 75 ياشلىق ئايالنىڭ يېنىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتى نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ چاغدا ئايرودرومدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق بىخەتەرلىك خىزمەتچىلىرى توپلىشىپ 75 ياشلىق ئايال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارغا ئاغزاكى ھۇجۇم قىلغان؛ يەنى ئۇلارنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىسا، ئايرودرومدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
بىخەتەرلىك خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ ئەلپازى 75 ياشلىق ئايال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن باشقا، ئايروپىلانغا چىقىشقا ھازىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئازارلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 75 ياشلىق ئايالنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ سەۋرچانلىق قىلىشى بىلەن خاپىلىق چوڭايمىغان ۋە ۋەقەدىن ساقلانغان؛ ئەمما بۇ ئىشقا شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇر يولۇچى ئۆز نارازىلىقلىرىنى توردا بايان قىلغان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش پوزىتسىيىسى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئىنكاس ئەمەس.