ئۇيغۇربىز تورى مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرى 15-فېۋرال كۈنى تور بېكىتىدە خەۋەر بېرىپ، خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەرجىمانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، يېقىندا ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر بىز تورى مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ھەققىدىكى خەۋەرنى ئەڭ بۇرۇن ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇيغۇربىز تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ مۇخبىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇچۇر توپلاش ئارقىلىق، نۆۋەتتە مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ۋە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ۋەزىپە ئالغىنى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئۇچۇرلار ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ۋە باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سوتلانغان مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ئىسىملىك بۇ ياش 2009-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پروگرامما ئىشلەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇخبىرى جاۋ يۈگە تەرجىمانلىق قىلغان. قەشقەر سوت مەھكىمىسى مىرخەمىتجان مۇزەپپەرنى «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى ھەم سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە 3 يىلغىچە خەۋەر بەرمەسلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.