«ئۇيغۇربىز» توربېتى: ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىز ياشلارنىڭ 80%i يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ياشلىرى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ سانى 60 مىڭ، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بولسا 70 مىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئاخبارات ۋە تەتقىقات ساھەسىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيال مەنبەسىگە ئايلانغان «ئۇيغۇربىز» تور بېتى بۈگۈن يەنە بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىنى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

توربەتنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ سانى 60 مىڭ، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بولسا 70 مىڭ. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ 80% ئى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە تەۋە ياشلاردۇر.

خەۋەردە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىشسىز ياشلار ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ نىسبىتى 60%. ئۇيغۇربىز توربېتى بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ ھۆججەت ۋە دوكلاتلىرىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن توپلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۈكسەكلىكى ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ ھەم بىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ھۆججەت ۋە ماتېرىياللىرىدا مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرمەي ياكى تىلغان ئالماي كەلگەن ئىدى.

ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇيغۇربىز توربېتىگە ئوخشاش مۇستەقىل تەتقىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ تۈر بىر قىسىم نازۇك ۋە قەدىمىي مەسىلىلەرنىڭ سىر تۇتۇلۇش ئەنئەنىسىگە خاتىمە بەرمەكتە.