ئۇيغۇر بوكسچى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 29 - ئىيۇل مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

2012 - يىللىق لوندون ئولىمپىكى 27 - ئىيۇل رەسمىي باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك ئەنگلىيىلىكلەر ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئولىمپىكلەرنىڭ بىرى.


چۈنكى بۇ ئولىمپىككە ئۇيغۇر بوكسچى 68 كىلوگراملىقلار بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭمۇ قاتنىشىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىغاندا، مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 29 - ئىيۇل مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكتە.