ئۇيغۇر دارۋاز سەمەت ھەسەن 3 تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

25 - ئاپرېل شەنبە كۈنى، ئۇيغۇر دارۋاز سەمەت ھەسەن خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى جاڭجياجى رايونى تيەنمېن تېغىدا 3 تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.04.27

مەلۇم بولۇشىچە، خۇنەن ئۆلكىسى تيەنمېن تېغىغا بۇ نۆۋەت تارتىلغان دارنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى 39 گرادۇسقا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ دارۋازلىق تارىخىدىكى ئەڭ تىك تارتىلغان دار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر يانتۇلۇققا يەر يۈزىدىن 440 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان 32 مىللىمېتىر توملۇقتىكى پولات تاناب 700 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، سەمەت ھەسەن بۇ مۇساپىنى 1 سائەت 7 مىنۇتتا تاماملىغان.
 
ئەنگىلىيىدىن چىقىدىغان مېترو خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، سەمەت ھەسەن ئۆتكەن يىلى مەزكۇر تاغدا ئىلگىرىكى باشقىلار ياراتقان رېكورتنى بۇزالمىغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىللىق نەتىجىسى بىلەن "دۇنيا پەلەك شاھزادىسى" ئادىل ھوشورنى بېسىپ چۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.