ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىلېنا خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن جۇمھۇرىيەتچى ئىلېنا روس لېھتىنەن خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا فلورىدا شىتاتىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئىدى.

ئىلېنا خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ناتوغرا پائالىيەتلىرىنىڭ تەنقىدلىگۈچىسى بولۇپ كەلگەن. ئۇ، 2008 - يىلى، تىبەتتىكى ھەرىكەتتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىبەتكە دائىر قارار ناھىيىسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشقا چاقىرىپ، ھۆكۈمەتتىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا باشقا كونسۇلخانىلىرىنى ئېچىشىغا رۇخسەت بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىلېنا خانىم يەنە، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا ئىرانغا ئېمبارگو قويۇلۇپ، بىر قىسىم چەتئەل شىركەتلىرى ئۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىران بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تىجارىتىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن ھەمدە "خىتايغا ئامېرىكا يولغا قويغان ئىمبارگوغا پەرۋا قىلماسلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشىمىز كېرەك" دېگەن ئىدى.

ئىلېنا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئەربابلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئائىت چىقىرىلغان قارار لايىھىلىرى ئاساسەن ئىلېنا خانىم قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇ 2005 - يىلى رابىيە خانىمغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان ئىدى.