دائىرىلەرنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا بۇ يىل مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن جەمئىي 46 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا ساياھەتچىنىڭ كېلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن جەمئىي 8 مىليارد دوللار كىرىم كىرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھازىر ساياھەتچىلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق ساياھەت رايونلىرىدا چوڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنى سېلىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن. يېقىندا قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ سىنگاپورغا بېرىپ، قەشقەرنى «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» نىڭ مەركىزى قىلىش ئۈچۈن خوڭكوڭ، دۇباي، پارىژدىن ھەپتىدە بىر قېتىم بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلان تەسىس قىلىش ۋە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنى قۇرۇش پىلانلىرىنى بىر قانچە خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن ئىدى.
ئەينى چاغدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى يوق قىلغاندىن كېيىن، قەشقەرنى «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» نىڭ مەركىزى قىلىمەن دېيىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەجەبلەندۈرگەن ئىدى.
ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئوخشاش بىر قاتار سەلبىي تەرەپلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ساياھەتچىلىكتىن كىرىۋاتقان كىرىمدىن يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نەپ ئېلىۋاتقانلىقىدەك بىر مەسىلىنىڭ بۇ يەردىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئاساسلىق نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.