خىتاي، غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش 3 - تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل باشلايدىكەن

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش 3 - تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل باشلايدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر 1 - ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان نېفىت -خىمىيە سانائىتى يىغىنىدا ئاشكارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ غەربىي بۆلىكى 2014 - يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ" شىنجاڭ ئېنېرگىيە چوڭ تونىلى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تۇرۇبا لىنىيىسىگە" ئايلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش 3 - تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شياۋگۇەن شەھىرىگە تۇتاشتۇرىلىدىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 3 - لىنىيىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا گازلىرىنى خىتايغا يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ قورغاس - نىڭشيا بۆلىكىدە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ بۆلەك 2012 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. قالغان قىسمى 2014 - يىلىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولىدىكەن.

خىتاي كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە تەدبىرلەرنى ئالماقتا. خىتاي 2004 - يىلى غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا بىرىنچى لىنىيىسىنى تاماملاپ تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گازلىرىنى خاتايىڭ شاڭخەي ئۆلكىسىگە توشۇشنى باشلىغان. جۇڭغار ئويمانلىقى نېفىتلىكىدىن باشلىنىدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2 - لىنىيىسى ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 4 - لىنىيىسىنى قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزگەن.