شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي نېفىت تارماقلىرى يەتكۈزۈشۈش مىقدارىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملانغانلىقى، نەتىجىدە مەزكۇر تۇبا لىنىيىسىنىڭ ئەسلىدىكى يىلىغا 12 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈش مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ 17 مىليارد كۇب مېتىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي نېفىت دائىرىلىرى غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسىنى 2004 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە 2005 - يىلى ئاپرېلدا رەسىمى گاز بېسىمى ئاشۇرۇپ توشۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ ئۇدۇل خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 2008 - يىلىدىن فېۋرالدا 2 - تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلىرىنى تالان - تاراج شەكلىدە جىددىي ئېچىپ يۆتكەۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي ئېكولوگىيىسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى مەسئۇلىيەتسىز تەرەققىيات پىلانى مۇھىتشۇناسلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
