ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلار كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلار كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان. "تەڭرىتاغ" تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 23 - سېنتەبىردىن باشلاپ ياغقان قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق 86 يېزا-كەنتتىن جەمئىي 17 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئون مىليون يۈەندىن ئاشقان.

خەۋەردە، ئاپەتتىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

"جۇڭگو خەۋەرلەر تورى" دىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، بۈگۈن قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىمۇ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

بەزى جايلاردا كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىش مىقدارى سېكۇنتىغا 500 كۇب مېتىرغا يەتكەن. كەلكۈندە تاشيول ۋە ئېتىز - ئېرىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىسار ناھىيىسىدە بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە 6 قېتىم كەلكۈن كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئاپەتنىڭ يەرلىك ئاممىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، قانچە ئادەمنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.