شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان "ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك تۈزەش نىزامنامىسى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 يىغىندا ماقۇللانغان.
بۇ، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان چىقارغان شۇ خىلدىكى بىر قاتار بەلگىلىمىلىرىنىڭ بىر قىسىمنى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نىزامنامىدا، ئەگەر "پۇقرالار" جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش يولىدا ياكى جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەشتە "ئۆلگەن بولسا" دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن "ئۇلارغا قەھرىمانلىق ئۇنۋانى بېرىش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پېنسىيە مائاشى بېرىش" قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
نىزامنامىدە يەنە، ئەگەر پۇقرالار جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئېلىشىش يولىدا خىزمەت ۋاقتىنى سەرپ قىلغان بولسا، كۈتۈنۈش راسخوتى بېرىش، ئەگەر يارىلىنىپ مەجرۇھ بولغان بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن دەرىجە ئايرىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش ۋە سەھىيە ئورگانلىرى يارىلانغۇچىلارنى شەرتسىز داۋالاش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نى ماقۇللاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتكۈچىلەرنى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازالايدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 2009 - يىلى 12 - ئاي ئىچىدە چىقىرىلغان مەزكۇر نىزاملارنى، ئۇيغۇر ئېلىدە سۆز -پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بوغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ "ئاتالمىش جىنايەتچىلەر" بىلەن ئېلىشىشنى سەۋەب قىلىپ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جازالىنىش خەتىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان نىزامنامىلەر دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، 2009 - يىل سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن "يىڭنە ھۇجۇمى" ۋە شۇنى باھانە قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مىسال قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ نۆۋەت ماقۇللانغان 'پۇقرالارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش نىزامنامىسى' 2009 - يىلى سېنتەبىردە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاتالمىش 'ھۇجۇمچىلار' نى توپلىشىپ ئۇرۇشىغا ئوخشاش زوراۋانلىقلارنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ."