خىتاي دائىرىلىرى ئۇچار يېزىسىدا كەلكۈندىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانلارنى قولغا ئالدى

يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.17

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئالمىغان. ھۆكۈمەتتىن ياردەم ئالالمىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنى بولسا "جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 13 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.
 
ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇچار يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچى 13 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان. ئۇ مۇخبىرغا "مەن بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن" دېگەن.

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتتىن كېيىن ھازىرغىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەت رايونىغا ئاران 30 چېدىر يوللىغان. بۇنىڭدىن سىرت ئاپەت رايونىدىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئەترىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن دورا پۇلى ۋە داۋالىنىش ھەققى ئالغان بولۇپ، بۇ ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇچار يېزىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دىنى ئەقىدىسى كۈچلۈك رايون دەپ بېكىتىلىپ، نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېزا بولغانلىقتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.