خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گۈاڭدۇڭ شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇش خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ دىھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ۋۇ يۈنخۇا ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى "ئۇزۇن - مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلىتىش بىلەن ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتىن ئىش تېپىپ بېرىشنى يۆلىنىش قىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدە يۆتكىلىپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەر بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازارلارغا يۆتكىلىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ 700 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشتىكى غەرىزى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئاسسىمىلىياتسىيە غەرىزى بولمىسا ،ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىمىشقا يەرلىك ئورۇنلاردا خىزمەت تېپىپ بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.