روزى ئىسمايىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، دائىرىلەر يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىگە قاراتقان نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا ئائىت دىلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى روزى ئىسمايىلنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، روزى ئىسمايىل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىمىدىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، سوت ئىشلىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، سوتلانماي جازالانغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى روزى ئىسمايىل ئېلان قىلغان بۇ ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىدا ئارقا - ئارقىدىن سوت ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۈرۈمچىدىكى سوتنى "سىياسىيلاشتۇرۇش" ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.