خىتاي، تېخىچە تىنجىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ - ئىيول ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە تىنجىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى ۋە بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.

شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ رايوندا تېررورچى، بۆلگۈنچى، ئېكىستېرمىچى دەپ ئاتالغان 'ئۈچ خىل دۈشمەن كۈچ'لەرنى تامار قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقتى.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن 'ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىيەتنى بىر تۇتاش تۈزەش نېزامى' دەپ ئاتالغان يېڭى بەلگىلىمە 2‏ - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىلىمە بۇيىچە، 'ئۈچ خىل كۈچلەر'نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.