خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شىنجاڭدا 'قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتىنى باشلىدى

'بوشۈن تور گېزىتى' بىڭتۇئەن توربەتلىرىدىن كۆچۈپ باسقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يېقىندا، دۆلەت بايرىمىنى قوغداش دېگەن نام بىلەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 'بىرىنچى ئۆكتەبىر ھەپتىلىكى جەريانىدا، خەلق ئاممىسىغا بايراملىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن "سېرىق، قىمار، زەھەر" گە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ھەرىكەتنى ئاۋات بازارلاردىن ساياھەت نوقتىلىرىغىچە، مەھەللىلەردىن مەكتەپلەرگىچە، ھەممىلا جايدا ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ ئۇقتۇرۇشىدا، قاتتىق زەربە بەرمەكچى بولغان 'سېرىق، قىمار، زەھەر' دېگەننىڭ مەنىسىنى ئوچۇق دېمىگەن.

ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 'قاتتىق زەربە بېرىش' دېگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىجراسىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتايلارنى 'خەلق ئاممىسى' دەپ ئاتاپ، قاتتىق زەربە بېرىش' نىشانىنى ئاساسەن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي، دىنىي ۋە تارىخ كىتابلىرىنى كۆيدۈرگەندىمۇ، ئۇنى 'سېرىق' دېگەن نام بىلەن كۆيدۈرگەن ئىدى.