خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەمۇرى خادىملارنىڭ 'قوش تىللىق' بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە كادىرلار نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەمۇرى خادىملارنىڭ "قوش تىل" ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە"قوش تىل" ئۆتكىلىنىڭ ئۇيغۇر مەمۇرى خادىملىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ياكى بۇ ئۆتكەلنىڭ خىتاي مەمۇرى خادىملىرىدىن تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

تەشكىلات بۆلۈمى ۋە كادىرلار نازارىتىنىڭ "يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرى خادىملارنى قوش تىلدا تەربىيىلەش ۋە ئېمتىھان ئېلىش خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى"دا، مەمۇرى خادىملارنىڭ قوش تىل ئۆتكىلىنى ئىجرا قىلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى تەكىتلىنىپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرى خادىملارنىڭ قوش تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئېمتىھانى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى ھۆججەتتە، مەمۇرى خادىملارنىڭ قوش تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغاندىلا خىزمەتكە چۈشەلەيدىغانلىقىنى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالالمىغانلارغا ئۆگىنىش پۇرسىتى بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ياڭ لىيۈي " جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا مەمۇرى خادىملارغا قوش تىللىق تۈزۈمنى يۈرگۈزۈشى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە بىر ئاز ئەقلىنى تېپىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، لېكىن بۇنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكا كولورادو گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېلزابىت داۋىس خانىم، بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى "شۇ جايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار"لىقىنى بىلدۈرگەن.