يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلدى

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقچىلار يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرى بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ساندا ساقچىلار تىنىمسىز چارلاش ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بىر شاھىدنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ھېچقانداق بىر ۋەقە چىقمىغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ ماڭغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە يەنە، يېڭى يىل ھارپىسىدا، غۇلجىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن بىر سىنئالغۇ لېنتىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي ساقچىلىرى 25 - دېكابىردىن 30 - دېكابىرغا قەدەر قەشقەر شەھىرىدە ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ قەدىمىي كىتابلارنى يىققان ۋە ئوت قويغان. يەنە خىتايچە ياشىنۋاڭ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ساقچىلار ئۈرۈمچىدە ئېتىلداق (يەنى پوجاڭزا) سېتىلىدىغان دۇكانلارغا ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئېتىلداق سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىملاش، ئەگەر چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئېتىلداق سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم ساقچىنىڭ تەستىق قەغىزىنى كۆرۈش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ساقچىلىرى بۇ قېتىمقى ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت كۆرسەتمەستىن، زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئېلىدا، خىتاينىڭ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇنجى يېڭى يىل ھارپىسىنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.